
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى : يېڭى بىر ئەۋلاد مېرسىدىس بىنىز A نىڭ سۆرەتلىرى ئاشكارلاندى ،بۇ سىناق قىلىندىغان مېرسىدىس بىنىز A نىڭ سىرتقى قىسمى قىزىل رەڭدە سىرلانغان ، بېزىلىشى بۇرۇنقى بىلەن ئازراق پەرقلىنىدۇ ،لېكىن سۈپەت جەھەتتە ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ . سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن بۇ سىناق ماشىنىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى يىڭىچە بىرخىل رەڭدە بولۇپ ، بۇرۇنقى قارا رەڭلىك ، كۈمۈش رەڭلىك سىناق ماشىنىلىرىغا ئوخشىمايدۇ .ماشىنا گەۋدىىسى قېلىن بولۇپمۇ قالماي ، ماشىنىنىڭ چىرىقى ئادەتتىكى ئەينەككە نۇر ئوتكۈزگۈچلۈك ئەينەكنى ماشلاشتۇرۇپ ئورناتقان .كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىگە مېرسىدىس بىنىز A نىڭ يۈلىنىش بەلگىلەش چىرىقى دەپ بەلگە قىلىنغان.

يېڭى بىر ئەۋلاد مېرسىدىس بىنىز A نىڭ بەش ئىشىكى كۆپتۇرمە قىلىپ لاھىيلەنگەن ، ماشىنىڭ ئۈستى يايسىمان چۈشكەن بولۇپ يېڭىچە بىر خىل لاھىيە قوللىنىلغان . بۇ مېرسىدىس بىنىز شىركىتىنىڭ لاھىيە نازارەتچىسى گاردىن . ۋاگىنانىڭ شاڭخەي ماشىنا يەرمەنكىسىدە " بۇ مېرسىدىس بىنىز A نىڭ سناق ماشىنىسى ، بەش ئىشىكى كۆپتۈرمە شەكىلدە لاھىيلەنگەن ،ئىككى يان دەرىزىسى يايسىمان قىلىپ، چوڭ چىرىقى ۋە ھاۋا قاپقىقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىلگەن .بۇ سىناق نۇسخىسى بولۇپ ئەسلى نۇسخىسى بۇنىڭدىنمۇ كۆركەم ھەم مودا قىلىپ لايىھلەندى " دىدى .

مېرسىدىس بىنىز A نىڭ ئىچىنىڭ بېزىلىشىگە يۇقىرى سۈپەتلىك ماتىياللار ئىشلىتىلگەن ، بىر قىسىم كونتىرول قىلىش كۇنۇپكىلىرى ۋە بىزەش جابدۇقى ئەسلىدىكى مېرسىدىس بىنىز C نىڭكى بىلەن ئوخشاش .

ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ، يېڭى تىپتىكى مېرسىدىس بىنىز A نىڭ ماشىنا قۇرۇلمىسى ۋە تېخنىكا سۇپىسى جەھەتتە راھەت تىپلىق ۋە مۇسابىقە تىپلىق قىلىپ لاھىيلەنگەن ،2012 - يىللىق مېرسىدىس بىنىزB نىڭ بەش خىل پاسوندىكى بىنزىل ماتۇرلۇق ، تۆت خىل پاسوندىكى دىزىل ماتۇرلۇق قىلىپ ئىشلەنگەن . بىنزىن ماتۇرنىڭ ماتور كۈچى 80 كىلوۋاتتىن 150 كىلوۋاتقىچە ،دىزىل ماتورنىڭ ماتور كۈچى 90 كىلوۋاتتىن 150 كىلوۋاتقىچە . ئۇنىڭدىن باشقا مېرسىدىس بىنىز يۇقىرى ئىقتىدارلىق مۇسابىقە A25 AMG تىپلىق ماشىنىسىغا گاز چىقىرىش مىقتارى 2.00 ، تۆت سىلىندىرلىق پىقىرغۇچ ماي بىسىمىنى ئاشۇرىدىغان چاچما ماتور ئىشلىتىگەن .

ئالاقېلىشىش تېلفون نومىرى :09915200000
汽车网服务器托管于:蓝天网络 | 部分带宽支持:蓝天网络(电信下载) | 维文网址导航 | 蓝天网络带宽赞助 特别鸣谢
Copyright© 2002-2012 Uyghur www.maxina .cn Network All Right Reserved
苏ICP备10115333号-1