• خەيما S5 ئاپتوموبىلى 1.2T تىپىنى چىقىرىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-11-25 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 176 ئاپتۇرى :

سىنا تورى 22-نويابىر خەۋىرى،

يېقىندا، خەيما ئاپتوموبىلچىلىقى ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، مەزكۇر ماركا 1.2Tلىق ماتور سەپلەنگەن خەيما S5 ئاپتوموبىل تىپىنى چىقىرىدىكەن، يېڭى ماشىنا 2017-يىلى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن ، 1.2T ماشىنا تىپىنىڭ چىقىرىلىشى ھازىرقى نۇسخىدىكى S5 مەھسۇلات يۈرۈشلىكىنى موللاشتۇرىدۇ.

 

خەيما S5 1.6L ئاپتوموبىل تىپى


ھازىرقى نۇسخىدىكى خەيما S5 ئاپتوموبىل تىپى 1.6Lلىق ۋە 1.5Tلىق ئىككى نۇسخىدىكى ماتور تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە 1.6Lلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 122 ئات كۈچى، 1.5Tلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 163 ئات كۈچى، شۇنى پەرەز قىلالايمىز، 1.2Tلىق ماتورنىڭ سەپلىنىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەيما S5 ئاپتوموبىل تىپىنىڭ دەسلەپكى باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن .نۆۋەتتە خەيما 1.2Tلىق ماتورىغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ يوق. 

ئاۋات ماشىنا تىپلىرى