• شوپۇرسىز كىچىك ئاپتوبۇس لاس ۋىگاستا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-01-12 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 1014 ئاپتۇرى :

بېتا تورىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرى، 

ئەمدىلا ئاخىرلاشقان CES 2017 كۆرگەزمىسىدە ئاپتوماتىك شوپۇرلۇق تېخنىكىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، Valeo شوپۇرلۇق توكلۇق ئاپتوبۇس قاتارلىق شوپۇرسىز ئاپتوموبىللار ئارقا-ئارقىدىن كۆرگەزمە قىلىندى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شوپۇرسىز ئاپتوبۇس ئارما (Arma) لاس ۋىگاستا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. لاس ۋىگاس شۇ جاي ۋاقتى 10-يانۋار بۇ شەھەردىكى تۇنجى شوپۇرسىز ئاپتوبۇسنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشچە، بۇ شوپۇرسىز ئاپتوبۇسنى فىرانسىيە Navya شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، 12 ئادەمنى سىغدۇرالايدىكەن، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 43 كىلومېتىر ئىكەن، ئەمما سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقىرىش مەزگىلىدىكى سۈرئەت چېكى 19 كىلومېتىر/سائەت بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ مەزگىلدە يولۇچىلار بۇ ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدىكەن. بۇ ئاپتوبۇس لاس ۋىگاسنىڭ كونا كوچىسى شەرقىي فرېمونت كوچىسىدا يولغا چىقىدۇ، ماشىنىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە بولىدۇ، سىناق ئىشقا كىرىشتۈرۈش 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى