• شەرق شامىلى نىسسان چىچېن T90 ئاپتوموبىلى 25-دېكابىر بازارغا سېلىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-12-25 مەنبەسى : تېشۈن تورى ئاپتوموبىل قانىلى ئاپتۇرى :

چىچېىن T90 ئاپتوموبىلىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى VOW ئۇقۇم ئاپتوموبىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاقار جىسىم كۆرۈش سېزىمى تۇيغۇسىنى نامايان قىلغان، مودا بولۇش بىلەن بىرگە يەنە خاسلىقىنى يوقاتمىغان. سىيرىلما شەكىلدىكى ئارقا تەرەپ لايىھەسى چىچېن T90 ئاپتوموبىلىنىڭ قۇيرۇق قىسمىنى تېخىمۇ قارام كۆرسىتىدۇ، قارا رەڭلىك ئارقا بىخەتەرلىك لىمى ئازراق ساھە ھالقىغان ئۇسلۇبنى نامايان قىلىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ئايرىم ئايرىم ھالدا 4793 مىللىمېتىر، 1865 مىللىمېتىر ۋە 1592 مىللىمېتىر، ئوق ئارىلىقى 2765 مىللىمېتىر. ئۇنىدىن باشقا T90 ئاپتوموبىلىنىڭ يەر يۈزى بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 194 مىللىمېتىر كېلىدۇ.


ئىچكى بېزىلىشى جەھەتتە چىچېن T90 ئاپتوموبىلىغا ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى، مول پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە سۈپەت تۇيغۇسى قوللىنىلغان. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مەركىزى كونترول سۇپىسىغا سىممىتىرىك شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان ، يۇمشاق ماتېرىيال بىلەن ئورالغان. كۆپ ئىقتىدارلىق رول تەكشى يۈزلۈك قىلىپ لايىھەلەنگەن، كۆپ ئىقتىدارلىق كۇنۇپكىلار كۆپ ۋاستىلىق ئۈسكۈنىلەر كۇنۇپكىسى ۋە كۆكچىش تېلېفونى كۇنۇپكىلىرىغا توپلاشتۇرۇلغان. 

سەپلىمىسى جەھەتتە، چىچېن T90 ئاپتوموبىلى تەڭ دەرىجىلىك ئاپتوموبىللار ئارىسىدا بىردىنبىر 12.3 دىيوملۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى چوڭ ئېكران سەپلەنگەن ئاپتوموبىل بولۇپ، ئېكراننى كۆپ خىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭغا سەپلەنگەن ئەقلى ئىقتىدارلىق تور سىستېمىسى بەيدۇنىڭ Carlife مۇلازىمىتىگە ئۇلىنىش ئارقىلىق ھەر ۋاقىت خەۋەر ھاۋارايى مەلۇماتى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئاندىروئىد يانفونىدىن پايدىلىنىپ سىن ھالىتىدە يانفون ئەپ دېتالىنى ئاساسى ئېكىرانغا يوللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ سىستېما بىلەن ئاپتوموبىلدىكى مېكرافون ئارقىلىق ئاۋازنى پەرقلەندۈرۈپ، يول باشلاش، تېلىفون ئۇرۇش، توردىكى مۇزىكىنى قويۇش قاتارلىق مەشغۇلاتنى قىلغىلى بولىدۇ، ماشىنا ھەيدىگەندە ئىشلىتىش قولاي ھەم بىخەتەر. ئۇنىڭدىن باشقا T90 ئاپتوموبىلىغا IT-COMMANDER بۇرالما كۇنۇپكىلىق ئۇچۇر كونترول قىلىش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سەككىز يۆنىلىشتە يۆتكەش، ئالدى كەيىنىگە 360 گىرادۇس بۇراش ئارقىلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئۈن-سىن كونترول قىلىش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدۇ. 3D AVM پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كۈزىتىش سىستېمىسىنى ئالاھىدە ئەھۋالدا 3D ھالىتىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

بىخەتەرلىك سەپلىمىسى جەھەتتە، چىچېن T90 ئاپتوموبىلىغا VDC/TSCS/ABS/HAS/ATC/EBD/BA قاتارلىق ئىقتىدارلار بىرلەشتۈرۈلگەن ESP سىستېمىسى، ATC ئاكتىپ كونترول سىستېمىسى، ESS جىددى تورمۇزلاشنى ئەسكەرتىش سىستېمىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يول ئالماشقاندىكى كۆرگىلى بولمايدىغان رايوننى ئالدىن ئەسكەرتىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدارى جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا شەرق شامىلى نىسسان 2.0 لىتىرلىق MR20D ماتور سەپلەنگەن، MR20D ماتورى كۆپلىگەن ئاپتوموبىل تىپلىرىغا سەپلەنگەن بولۇپ، تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە يېقىلغۇ تېجەشچانلىقى ئۇنىڭ يارقىن نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ماتورنىڭ ئەڭ يۇقرى قۇۋۋىتى 144 ئات كۈچى، ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى 198 نىيوتون مېتىر.

ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى جەھەتتە، ماتورغا ماس ھالدا ئوخشاشلا نىسساننىڭXTRONIC CVT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچىسى سەپلەنگەن.

مەنبە: تېشۈن تورى ئاپتوموبىل قانىلى.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى