• ۋولۋو XC60نىڭ ئەڭ يېڭى يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرىتى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-12-24 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 295 ئاپتۇرى :

سىنا تورى 18-دېكابىر خەۋىرى،

يېقىندا، چەتئەل مېدىيالىرى ۋولۋو ئەڭ يېڭى XC60نىڭ نىقابلانغان يول سىنىقى يوشۇرۇنچە تارتىلغان بىر گۇرۇپپا سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەڭ يېڭى SPA سۇپىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كېلەر يىلى كېيىنرەك رەسمىي نامايان بولىدۇ.

يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرەتتىن قارىغاندا، گەرچە ئەڭ يېڭى XC60 قېلىن نىقابلانغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىگە پەرق ئېتىشچانلىق ناھايىتى يۇقىرى «Quake» ماركىلىق LEDلىق  ئالدى چوڭ چىراغ ۋە رازمېرى تېخىمۇ چوڭ ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئومۇمىي گەۋدە لايىھە ئۇسلۇبى ئەڭ يېڭى XC90نىڭ لايىھەسىدىن ئۆرنەك ئالغان. 

ئىگىلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئوق ئارىلىقى ھازىرقى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ 2774mmلىق ئۇزۇنلۇقىدىن ھالقىپ چۈشىدۇ، ئارقا رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىلار بوشلۇقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ماشىنا قۇيرۇقى قىسمى جەھەتتە، ۋولۋو جەمەتىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تىك شەكىلدىكى قۇيرۇق چىرىغىمۇ يېڭى ئاپتوموبىلدا كۆرۈلىدۇ.  

ئىچكى بېزەك قىسمى جەھەتتە، ئەڭ يېڭى XC90غا چوڭ رازمېرلىق مېدىيالىق كۆرسىتىش ئېكرانى سەپلەنگەن، ئۇزۇن تاياقسىمان ھاۋا تەڭشىگۈچ شامال چىقىش ئېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ياسىلىش تىپ ئېلمېنتىنىڭ ھەممىسى ئەڭ يېڭى XC60دا داۋاملاشتۇرۇلغان. ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، 2.0T T5لىق ماتوردىن باشقا، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە T6 نەشردىكى ماتور سەپلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا تەمىنلىنىدۇ. 

ئاۋات ماشىنا تىپلىرى