• پىگوتنىڭ يېڭى 301نىڭ چەت ئەل نۇسخىسىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئاشكارىلاندى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-11-25 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 77 ئاپتۇرى : ماشىنا

ۋاڭيى تورى 25-نويابىر خەۋىرى،

يېقىندا، Peugeot يېڭى 301 ئاپتوموبىلىنىڭ چەت ئەل نۇسخىسىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ ماشىنا ئوتتۇرا مەزگىلدە ئۆزگەرتىلگەن ماشىنا بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشىگە Peugeotنىڭ ئەڭ يېڭى جەمەت شەكلىدىكى لايىھەسى ئىشلىتىلگەن، سەپلىمىسى ئازراق ئەلالاشتۇرۇلغان. 

بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە Peugeotنىڭ ئەڭ يېڭى جەمەت شەكلىدىكى لايىھەسى ئىشلىتىلگەن، سالاسۇنغا ئەڭ يېڭى تەتۈر پەلەمپەيسىمان ھاۋا سالاسۇنى ئالماشتۇرۇلغان، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىغىمۇ «شىر كۆزى شەكلىدىكى» لايىھە ئىشلىتىلگەن. ئالدى بىخەتەرلىك لىمى قايتىدىن لايىھەلەنگەن ھەمدە LED كۈندۈزلۈك يول يۈرۈش چىرىغى سەپلەنگەن. ئارقا چىراغنىڭ ئىچكى قىسمىمۇ Peugeotنىڭ ئەڭ يېڭى «شىر تىرنىقى» شەكلىدە ئۆزگەرتىلگەن. 

كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىغا قارا رەڭلىك بېزەك تاختا ئىشلىتىلگەن، يەتتە ديۇملۇق چەكمە كونترول ئېكرانىغا ئارقىغا ياندۇرۇش رادارى، 3D يول باشلاش سىستېمىسى، ئالمىنىڭ Carplay ۋە Android Auto قاتارلىق كۆپلىگەن ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن. ABS ،ESP ۋە EBA جىددىي تورمۇز ياردەمچىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك سىستېمىلىرى سەپلەنگەن. 

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، بۇ ماشىنىغا 1.2Tلىق ۋە 1.6Lلىق ئىككى خىل بېنزىن ماتور شۇنداقلا 1.6Lلىق Blue HDI ۋە 1.6Lلىق HDI ئىككى خىل دىزېل ماتور سەپلەنگەن. ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا بەش خوتلۇق قولدا باشقۇرۇلىدىغان ياكى ئالتە خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. كەلگۈسىدە بۇ ماشىنىنىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ دىزېل ماتورلۇق نۇسخىسى چىقىرىلماسلىقى مۇمكىن. 

ئاۋات ماشىنا تىپلىرى