• چاڭچېڭ WEY ماركىسى 2017-يىلى ئۈچ خىل يېڭى ئاپتوموبىل چىقىرىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-11-24 مەنبەسى : ئاپتۇرى :


ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 24-نويابىر خەۋىرى، 

بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىن ئىلگىرى، چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى ئۆز قارمىقىدىكى يۇقىرى سەپلىمىلىك ماركا WEYنى (خەنزۇچە ۋېيپەي) ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلان قىلىش نەق مەيدانىدا يەنە W01 ۋە W02 قاتارلىق ئىككى خىل ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى. يېقىندا ئىگىلىنىشچە، WEY ماركىسى 2017-يىلى ئۈچ خىل يېڭى ئاپتوموبىل بازارغا سالىدىكەن، بۇنىڭدا W01نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان نۇسخىسى 2017-يىلى 4-ئايدا شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە بازارغا سېلىنىدىكەن، W02 ۋە باشقا بىر خىل يېڭى ئاپتوموبىل (ئېھتىمالW03 بولۇشى مۇمكىن)نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇسخىسى 2017-يىلى 8-ئايدا رەسىمىي بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.


W01 ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇچۇرى

W01نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نۇسخىسى ئوتتۇرا تىپلىق SUV دەپ بېكىتىلگەن، پۈتكۈل ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.8 مېتىر ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، ئالتە تەرەپلىك ھاۋا كىرىش سالاسۇنى، تار ئۇزۇن چوڭ چىراغ قاتارلىق خاۋال جەمەتىنىڭ لايىھە ئېلېمېنتىنى داۋاملاشتۇرغان، ئەمما خاۋال يۈرۈشلىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ نەپىس؛


ئىچكى بېزەك لايىھەسى نىسبەتەن ئاددىي، قارا-ئاق رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان، مەركىزىي كونترول سۇپىسىنى ئۈچ چەمبەر شەكىللىك ھاۋا تەڭشىگۈچ شامال چىقىش ئېغىزى ئىگىلىگەن، ئاسما شەكىلدىكى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ كونترول قىلىش تاختىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەركىزىي كونترول سۇپىسىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى تەرىپىگە جايلاشتۇرۇلغان. كۆپ ئىقتىدارلىق رول سەپلەنگەن، خوت ساپىقى ئارقىسىدىكى تاختىسىغىمۇ كۆپ ئىقتىدارلىق كونترول كۇنۇپكىسى، توپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش قولايلىقلاشتۇرۇلغان.


W02 ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇچۇرى

W02 ئاپتوموبىلىنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇسخىسى ئىخچام تىپلىق SUVدەپ بېكىتىلگەن، تاشقى قىياپىتى W01 بىلەن ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ، ئەمما ئۇزۇنلۇقى پەقەت 4.4 مېتىر ئەتراپىدا، پۈتكۈل ئاپتوموبىلنىڭ نىسبىتى W01غا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىخچام؛


پۈتكۈل ئىچكى بېزىكىمۇ W01 بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان، رەڭ ماسلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ قىزىل-قارا رەڭ ماسلاشتۇرۇش قوللىنىلغان، كۆپلىگەن جايلىرىدىكى تەپسىلاتلىرى قىزىل رەڭ بىلەن زىننەتلەنگەن، تەنھەرىكەت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

W01 ۋە W02 قاتارلىق ئىككى خىل ماشىنا تىپىدىن سىرت، WEY ماركىسى يەنە باشقا بىر يېڭى ئاپتوموبىل (ئېھتىمالW03 بولۇشى مۇمكىن)نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇسخىسىنى 2017-يىلى 8-ئايدا رەسىمىي بازارغا سالىدىكەن. WEY ماركىسى 2018-يىلىمۇ 2-3 خىل يېڭى ماشىنا چىقارماقچى. يۇقىرى دەلىللىكتىكى خەرىتىنى ئاساس قىلغان شوپۇرسىز ھەيدەش ۋە مېڭە دولقۇنى بىلەن ھەيدەشنى كونترول قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلارمۇ WEY ماركىسغا قوشۇلىشى مۇمكىن. 


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى