• رۇيفېڭ S7 ئەڭ تېز بولغاندا 2017-يىلى 3-ئايدا بازارغا سىلىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-11-25 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 728 ئاپتۇرى :

سىنا تورى 22-نويابىر خەۋىرى،

يېقىندا، جىياڭخۇەي ئاپتوموبىلچىلىقى ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، جىياڭخۇەي قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى ئوتتۇرا تىپلىق SUV رۇيفېڭ S7 ئاپتوموبىلى 2017-يىلى 3، 4-ئايلاردا بازارغا سېلىنىدىكەن. ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەتتە كىشىلىك لايىھە قوللىنىدىكەن ھەمدە 2.0Tلىق ماتور سەپلىنىدىكەن.


سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، رۇيفېڭ S7گە ئەڭ يېڭى جەمەت شەكلىدىكى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى تەرەپتىكى ئالدى تۇمان چىرىغىغا ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك لايىھە قوللىنىلغان.

ماشىنا قۇيرۇقى جەھەتتە، رۇيفېڭ S7نىڭ سىزىقلىرى مۇئەييەن قاتلامچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي گەۋدە كۆرۈش تۇيغۇسى ئېغىرلىق مەركىزى نىسبەتەن ئېگىز. قۇيرۇق ساندۇق ياپقۇچىنىڭ ياسىلىش تىپى نىسبەتەن ئىستېرولۇق، خىروم يالىتىلغان بېزەك ماسلاشتۇرۇلغان. ئىككى تەرەپتە ئىككىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىنىڭ بېزىكى بىلەن ئارقا ئېقىم توسۇش تاختىسى مۇئەييەن دەرىجىدە سىپورت تۇيغۇسىنى ياراتقان. ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېڭى ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4800mmغا، ئوق ئارىلىقى 2800mmغا يېتىدىكەن. يېڭى ماشىنا يەتتە كىشىلىك ئوتتۇرا تىپلىق SUV دەپ بېكىتىلگەن.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، رۇيفېڭ S7گە 2.0T پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلىنىدۇ، ھەرىكەت ئۇزىتىش جەھەتتە قول خوت ياكى ئالتە خوتلۇق قوش مۇفتلىق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى