• ماي تېجەشتىكى بىر نەچچە خىل ياخشى ئۇسۇل
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-12-22 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 1082 ئاپتۇرى :

ماي تېجەشتىكى بىر نەچچە خىل ياخشى ئۇسۇل

  

1.ئارقا ساندۇقتىكى ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىلىۋىتىپ ئېغىرلىقنى ئازايتىڭ .

.2ماشىنىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاڭ .ماشىنىنى ئۆز ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرغاندا پەقەت ماي تېجىگىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ماشىنىنىڭ ئۆمىرىنىمۇ ئۇزارىتقىلى بولىدۇ .

.3ئىمكان بار جىددىي ھالەتتە  سۈرئەت  تىزلىتىشتىن ساقلىنىڭ .ئەمەلىيەتتە قىزىل چىراغنى بىر قېتىم ساقلىغانغا ئانچە كۆپ ۋاقىتمۇ كەتمەيدۇ ،شۇڭا سېرىق چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىڭىز مۇسابىقە ماشىنىسى بولمىغاندىكىن ،ماشىنىڭىزغا كۆيۈنۈڭ .

.4ئۆز ۋاقتىدا خوت ئالماشتۇرۇڭ .ھازىرقى ماشىنىىلار ئادەتتە 1700-2000غىچە ئايلانغاندا ئاندىن خوت يۆتكىسەكمۇ بولىدۇ ،ھەرىكەت كۈچى يېتەرلىك بولسىلا بولىدۇ .

.5ماي مىقدارى :ھازىر شەھەر ئىچىدە ماي پونكىتلىرىمۇ كۆپ ،شۇڭلاشقا ماي قاچىلاتقاندا بىر قېتىمدا ئۇنچە كۆپ قاچىلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ،چۈنكى ماينىڭمۇ ئېغىرلىقى بار ئەمەسمۇ ؟

.6ماشىنىنى قىزىتىش :ماشىنىنى قىزىتىپ ھەيدىگەندە قىزىتماي ھەيدىگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ماي تېجىگىلى بولىدۇ .چۈنكى موتورنىڭ خىزمەت مۇھىتى تىمپىراتۇرا تەلەپ قىلىدۇ .ماشىنىنى قىزىتماي ھەيدىگەندە موتور ماينى كۆپ پۈركۈپ موتورنىڭ تىمپىراتۇرسىنى ناھايىتى تىزلا يۇقىرى كۆتۈرۋىتىدۇ .

.7ياخشى بولغان ماشىنا ھەيدەش ئادىتى :ياخشى بولغان ماشىنا ھەيدەش ئادىتىمۇ ماينى تىجەيدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنىنى دائىم تازىلاپ تۇرۇش ۋە ماشىنا بالونىنىڭ يەل بېسىمىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى